12 سىلەر ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار.
_ سەن خەلق ئارىسىدىن، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ،
يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ،
پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.
_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.