Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:8
10 Referans Kwoze  

سەن ئەجدادلىرىمىزغا پادىشاھلىقلارنى ۋە ئەللەرنى تاپشۇردۇڭ. خەلقىڭنى ئۇ زېمىنلارنىڭ يىراق چېگرالىرىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ھەمدە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى.


بۇ زېمىنلار يەنە ئەڭ شەرقتىكى ئاممونلارنىڭ چېگراسىغا تۇتاشقان بولۇپ، سىخون پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئامورلار پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەشبون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


سىخون پۈتۈن لەشكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، ياھازدا بىز بىلەن جەڭ قىلدى.


مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.


ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟!


ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite