5 كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.
شۇڭا سېنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.
ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار قىزىل دېڭىزغا كەلدى. مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى.
پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.
ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ، ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ.