Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:27
23 Referans Kwoze  

- ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى «گۇۋاھلىق سۇپىسى» دەپ ئاتاپ: «بۇ سۇپا بىردىنبىر پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر» دېيىشتى.


بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا رەت قىلىمەن.


_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.


چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.


مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم. چۈنكى مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.


ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.


نۇرغۇن بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، بۇ مۇناجات ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. بۇ مۇناجات ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنتۇلمايدۇ. گەرچە مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى باشلاپ كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىمەن.


ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.


سەن ھازىر بىر مۇناجات يازغىن. ئۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگەتكىن، ئۇلار ئۇنى ئېيتسۇن. بۇ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ.


بۈگۈن مەن ئاسمان-زېمىننى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ، ھايات ياكى ماماتنى، بەخت ياكى قارغىشنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ھاياتلىقنى تاللاڭلار، شۇندىلا سىلەرمۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارمۇ ھايات قالىدۇ.


ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.


سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ، تەلىمىمگە ئەمەل قىلدىڭ ۋە نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم.


ھەتتا ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلارمۇ سىلەرگە قارشى ۋارقىرىشىدۇ، تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە قارشى ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ.


پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»


كېيىن يوشۇۋا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ھەر قايسىسىنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى.


سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم، چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر.


ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر، خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز، ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite