26 ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.
شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئەكېلىپ، ئۇنى خاتىرە قىلىپ، تىكلەپ قويدى ۋە قېرىنداشلىرىغا: «تاش يىغىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار» دېدى. كېيىن كۆپچىلىك تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.