25 شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتا بېكىتتى.
مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، بەتتەم سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى.
يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە لاۋىيلار ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.
باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى.
باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى.
شۇڭا مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىشنى ئويلايمەن.
پۈتۈن خەلق بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا نامايان بولۇپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلدى.
ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىشتى.
ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.
يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن باشقا، موئابتىمۇ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان، يەنى ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەزمۇنىدۇر.
مۇسا قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى خەلققە بايان قىلدى. پۈتۈن خەلق: _ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.