22 يوشۇۋا خەلققە: _ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى. _ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق.
تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى، چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى.
نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.
بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.
سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر، لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار.
«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ ياق، بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى.