Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:2
16 Referans Kwoze  

ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!


مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ _ دېدى.


ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.


ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.


ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.


لېكىن بۇتلىرىڭىز كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ ئۆلتۈرۈلسۇن! قېرىنداشلىرىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەگەر سىز يېنىمىزدىن سىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىۋېرىڭ، _ دېدى. چۈنكى ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى.


راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خانىسىدىكى بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانىدى.


تەراھ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران قاتارلىق ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.


يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى،


ناخور 29 يېشىدا ئوغلى تەراھ تۇغۇلدى.


تەراھتىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران تۆرەلدى. ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.


سىرۇگ 30 يېشىدا ئوغلى ناخور تۇغۇلدى.


ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite