يوشۇۋا 24:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى. Gade chapit la |
مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.