يوشۇۋا 24:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ: _ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز! Gade chapit la |
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!