Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:15
22 Referans Kwoze  

ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن!


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.


مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار».


مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»


يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟


قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.


ئۇلار قىزىقتۇرغان ئۇ ئىلاھلار مەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ياكى يىراق جايدىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن،


ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سىلەرنىمۇ تەكلىپ قىلىشى ۋە سىلەرنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىشكە قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن.


بۇ چاغدا ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلارغا: _ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، پاكىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.


پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ: _ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز!


پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.


باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.


كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلماڭلار. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىماڭلار.


ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن.


كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite