Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:11
25 Referans Kwoze  

ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.


ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان.


ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟ ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟


دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا، ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى.


يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار،


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى.


_ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.


مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.


بۇ زېمىن قېنلار، قېنازلار، قادمونلار،


شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.


مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».


پەرۋەردىگار سىلەرنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە بەرگەنىدى.


دۈشمىنىڭلارنى پاراكەندە قىلىپ، سىلەر ئۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇنلا، خىۋلار، كەنئانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن.


سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.


سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،


سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite