Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 24:1
13 Referans Kwoze  

يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن قېرىپ قالدىم،


لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»


شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.


بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.


سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشايتتى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.


شۇڭا سىلەر بۇ ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، بارلىق ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.


نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى يىغىلىشقا چاقىردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite