6 سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار!
مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئەمرلەردىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار.
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار.
گۇناھقا قارشى كۈرىشىڭلاردا تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.
شۇندىلا ئۇ خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.
لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»
قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.
خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك، يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك، ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك.
ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم.
پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەيلى نېمە ئىش قىلمىغىن، مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمىغىن، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن.