Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 23:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 خۇدا سىلەرگە بەرگەن ياخشى ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئېتىقاد قىلىڭلار، بولمىسا ئۇ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بالايىئاپەتلەرنى بېشىڭلارغا ياغدۇرىدۇ ھەم سىلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىنمۇ قوغلاپ چىقىرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 23:15
18 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناھارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى كۈچلەندۈردى.


_ پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا تىنچلىق ۋە ئامانلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىللار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»


ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار،


چۈنكى مەن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite