يوشۇۋا 22:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى. Gade chapit la |
سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»