يوشۇۋا 22:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى. Gade chapit la |
ئەفرايىم، ماناسسە، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنى پاكلىماي تۇرۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا بېغىشلانغان قۇربانلىق گۆشىنى يەپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانىدى. شۇڭا خىزكىيا ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان خۇدا، ساڭا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەر گەرچە مۇقەددەس جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزلىرىنى پاكلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى، يەنى داۋۇتنىڭ ئايالى مىكال ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، ئۇنىڭغا: _ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەش ئادەملەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.