Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:4
16 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.


باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز.


سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»


مۇسا پەيغەمبەر رۇبېن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.


ئىگىلىگەن زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ھەمدە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەردۇق.


ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يەشۇ ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى.


_ مەن ساڭا ئۆزۈم يار بولۇپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.


پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ.


سىلەر شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمىدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىزچىل بويسۇنۇپ كەلدىڭلار.


ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.


_ پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite