Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى «گۇۋاھلىق سۇپىسى» دەپ ئاتاپ: «بۇ سۇپا بىردىنبىر پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر» دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:34
8 Referans Kwoze  

- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا ئىبادەت چېدىرىدا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.


خەلق بۇنى كۆرۈپ، يەرگە باش قۇيۇپ: _ پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! _ دېيىشتى.


يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.


لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد دەپ ئاتىدى. [ھەر ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمگە گۇۋاھ تاش دۆۋىسى»دۇر.]


لابان ياقۇپقا: _ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.


شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite