Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:31
13 Referans Kwoze  

ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»


ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»


خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.


سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.


روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەمەت ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى.


ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ۋە باشقا ئاقساقاللار گىلئادتىكى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئىسرائىللارغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.


بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite