Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ جەمەت ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:30
11 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇشتى ۋە خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. ئۇلار رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئېغىزغا ئالمىدى.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى، قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى.


پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى.


شۇڭا پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇ پىلاننى لايىق كۆرگەنىدى.


ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم. جەڭگە مەن بىلەن بىرگە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن.


خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.


ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى.


بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنمايمىز.


ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite