Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:28
9 Referans Kwoze  

بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


پادىشاھ ئاخاز دەمەشققە بېرىپ، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دەمەشقتىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سىزمىسى ۋە لايىھەسىنى روھانىي ئۇرىياغا يوللىدى.


بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا ئىبادەت چېدىرىدا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ.


بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنمايمىز.


لابان ياقۇپقا: _ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.


يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.


شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite