يوشۇۋا 22:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى27 بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا ئىبادەت چېدىرىدا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ. Gade chapit la |
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.
ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ.