يوشۇۋا 22:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشنى قارار قىلدۇق. بۇنى ياساشتىكى مەقسەت، قۇربانلىق ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس، Gade chapit la |
بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا ئىبادەت چېدىرىدا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ.