Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشتىكى مەقسىتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: «پەرۋەردىگارىمىز، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:24
7 Referans Kwoze  

بۇ تاشلار بىلەن ئابىدە تىكلەڭلەر. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا،


كەلگۈسىدە ئەۋلادىڭلار سىلەردىن: «پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە جاكارلىغان بۇ پەرز ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دەپ سورايدۇ.


كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.


ئەگەر سىز كېيىن ماڭا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بەرگەن قوي، ئۆچكىلەرنى تەكشۈرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلىڭ. سىز بۇنىڭدىن مېنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز.


مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى ھەم ئۇلارنىڭ دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشىنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.»


ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىق قىلىش ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزنى جازالىسۇن.


پەرۋەردىگار ئىئوردان دەرياسىنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ، يەنى رۇبېن بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قىلغان. سىلەرنىڭ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىدىن قورقتۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite