يوشۇۋا 22:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 زەراخ جەمەتىدىن بولغان ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىنى ئوغرىلاپ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ياغمىدىمۇ؟ ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟! Gade chapit la |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ.