Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 22:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 22:11
13 Referans Kwoze  

مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.


ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.


يەكشەنبە كۈنى تاڭ تېخى يورۇمىغاندا، مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەرلىكىگە باردى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.


گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە،


رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.


_ بىز، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەكچى بولۇپ كەلدۇق. سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئۆزۈڭلارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدىڭلار؟


ئەگەر سىلەر زېمىنىڭلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ناپاك دەپ ئويلىساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىڭلار. بىزنىڭ يېرىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن، ئۇنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشايلى. ئەمما پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، يەنە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساش ئاسىيلىقتۇر، سىلەر بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite