7 مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.
مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.
مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشوم جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.
گېرشوم جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.