Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 21:38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

38 گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 21:38
14 Referans Kwoze  

ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.


گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆز ئەمەلدارلىرىغا: _ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالمايمىز؟ _ دېدى.


ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.


داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغدا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.


قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.


خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.


نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.


بەنگېبەر، ئۇ گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە، شۇنداقلا ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىرنىڭ جەمەتىگە قاراشلىق گىلئادتىكى باشقا شەھەرلەرگە ھەم باشاندىكى ئارگوب رايونىغا جايلاشقان سېپىللىرى، دەرۋازىلىرى ۋە دەرۋازىلارنىڭ تۇچ بالداقلىرى بولغان ئاتمىش شەھەرگە مەسئۇل ئىدى.


بۇ زېمىنلار يەنە جەنۇبتا خەشبون شەھىرىدىن تارتىپ، راموت-مىزپاھ ۋە بىتونىم شەھىرىگىچە، شىمالدا ماخانايىم شەھىرىدىن تارتىپ، دىبىر زېمىنىگىچە،


بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى


ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب، ئۇ ماخانايىم زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite