3 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.
ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.
چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.
جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن.
دېمەك، ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى.