Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 21:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 21:27
8 Referans Kwoze  

گېرشوم جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان،


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.


بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى.


قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.


ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات،


يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشوم جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.


سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite