26 قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.
ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.
يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.