يوشۇۋا 21:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا، Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى. پادىشاھ ئاسا بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى.
ئۇ يەنە شەھەر باشلىقى يوشۇۋانىڭ نامىغا بېغىشلانغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزدۇردى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ گەبادىن بەئەرشەباغىچە بولغان ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى. شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلغان بارلىق لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان روھانىيلارنى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.