Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 20:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلىنالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 20:9
5 Referans Kwoze  

بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەردىن بولسۇن، ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ.


ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرسۇن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ.


لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن.


ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite