Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 20:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 20:7
22 Referans Kwoze  

يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى).


ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى.


نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.


نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر.


ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر،


شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،


(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.) شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.


بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.


ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.


لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار.


_ ئەينى چاغدا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئۈچ شەھەرنى پاناھلىق ئۈچۈن بەلگىلىگەنىدى.


قەدەش پادىشاھى كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى


ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقلارنىڭ ئاتىسى ئىدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم شەھەرلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: زىددىم، زېر، خاممات، راققات، كىننەرەت،


ئاداما، راماھ، خازور،


قەدەش، ئەدرەئى، ئېنخازور،


يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.


يېرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:


بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite