يوشۇۋا 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 (ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.) Gade chapit la |
لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئۇ قەتل قىلىنمىدى.