16 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىڭلار.
بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟
داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇردى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى.
پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!
داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى غارلارغا ئورۇنلاشتى.
بۇ ئىككى چارلىغۇچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.
سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ،