Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 2:14
18 Referans Kwoze  

باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.


بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.


ئەمدى سىلەر خوجايىنىمغا مېھرىبان ۋە سادىق بولۇپ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلساڭلار، بۇنى ئېيتىڭلار، قوشۇلمىساڭلارمۇ ئېيتىڭلار. مەن قانداق قىلىشىم ھەققىدە بىر قارارغا كېلەي.


پادىشاھ ئۆتكەندە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن خىزمەتكارلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا بارغانىدىم. بىرسى مېنى كۆرۈپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويساڭ، جېنىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن ياكى 35 كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېدى.


بىر كۈنى داۋۇت: _ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-شەپقىتىمنى كۆرسىتەي.


پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن.


يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ كەلمەكتە.


ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.


سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ،


ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.


يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.


ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.


سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزگەي، مەنمۇ ياخشىلىقىڭلارنى ياخشىلىق بىلەن ياندۇراي.


بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار.


قوماندان ئۇنىڭغا: - بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! - دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite