Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12-13 مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا ھازىر سىلەر مېنىڭ جەمەتىمگە چېقىلماسلىققا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم بەرسەڭلار. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا كاپالەت بەرسەڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 2:12
24 Referans Kwoze  

بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن.


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ.


نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر.


ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ مېڭىڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى.


بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.


مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.


ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەپ قويۇلغان قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ.


شۇنىڭ بىلەن غوجىدار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ ئىككى يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئىبراھىمنىڭ تاپشۇرغانلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى.


ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.


شۇڭا سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ۋەدە بەر. مېنى، پەرزەنتلىرىمنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ھەرگىز ئالدىما. مەن ئەزەلدىن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا، يەنى ئۆزۈڭ مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئەلگە سادىق بول، _ دېدى.


ئەمما ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پىرئەۋن ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز.


ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورىدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار.


يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.


ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا: _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite