Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى يېرىپ، قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 2:10
13 Referans Kwoze  

لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.


خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.


پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ قولىنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىشىڭلار ھەمدە سىلەرنىڭ ئۆزىدىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى.


مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز.


خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ، ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.


بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى، قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.


بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.


مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite