Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 2:1
23 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟


سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى،


ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا، بىر قىسىم ئىسرائىل ئەركەكلىرى موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى.


چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى.


_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.


شۇڭا دان قەبىلىسى ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىل قىلىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن بەش پالۋاننى تاللىدى ھەمدە: «بېرىپ زېمىنلارنى چارلاپ كېلىڭلار!» دەپ، ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا كېلىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشتى.


شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.


ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى.


خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر.


لايىش زېمىنىغا چارلاشقا بېرىپ كەلگەن بەش پالۋان ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ ئۆيدە روھانىيلىق پەرتۇقى، ئۆي بۇتلىرى ۋە باشقا ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار.


كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول!


ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا كەلگەن چارلىغۇچىلىرىنىڭ راھابنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،


ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.


ئاراڭلاردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانمىغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا ياتىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكېلەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم ئايغاقچى! _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite