شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.