Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 19:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40-41 يەتتىنچى چەك دان قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندا تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار: يەنى زورئاھ، ئەشتائول، ئىرشەمەش،

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 19:40
7 Referans Kwoze  

مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار نافتالى قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.


ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: _ تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەرلەردۇر: دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ شىمالىدا بولسۇن. ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق خازار-ئېنان شەھىرىگە تۇتاشسۇن. خازار-ئېنان دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھتىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالى.


ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.


شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite