Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 19:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 ئاللاممەلەك، ئاماد ۋە مىشئال قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي پاسىلى كارمەل تېغى ۋە شىخور-لىبنات شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 19:26
15 Referans Kwoze  

زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.


بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.


ئاخاب غىزالانغىلى كەتتى. لېكىن ئىلياس كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.


پادىشاھ ئاخاب پۈتۈن ئىسرائىلىيە خەلقىگە خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى.


مەن پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم، دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ.


سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،


ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون،


سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر خاتىرە مۇنارى تىكلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.


ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون،


كېيىن يەنە شەرققە بۇرۇلۇپ، بەيت-داگون شەھىرىگە سۇزۇلۇپ، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكى يىفتاخئېل جىلغىسىغىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، بەيت-ئېمەق ۋە نىئىئەل شەھەرلىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلەپ، قابۇل،


ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنى ۋە ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان ئىلاھ بائالنىڭ 450 ساختا پەيغەمبىرىنى، شۇنداقلا ئىلاھە ئاشېرانىڭ 400 ساختا پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.


ۋە ھەم مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ،


ئېلىشا ئۇ يەردىن چىقىپ، كارمەل تېغىغا باردى. ئاندىن كارمەل تېغىدىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite