Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 18:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 18:6
11 Referans Kwoze  

يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.


ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.


چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى، يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


«كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»


چارلىغۇچىلار مېڭىش ئالدىدا، يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە تاپىلاپ: _ سىلەر پۈتۈن زېمىنلارنى چارلاپ، خەرىتىسىنى سىزىپ كېلىڭلار. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن شىلودا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن.


مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.


جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite