يوشۇۋا 18:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ. Gade chapit la |
ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.
بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.