Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 17:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتۇشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 17:7
15 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر،


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر،


پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى.


بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.


يېرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:


ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى.


يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.


نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


ئاتىسى ئۇنىڭغا: _ سەن ئاكىلىرىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئۇنى ھىبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى. يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ،


بىر كۈنى يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى باردى.


ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.


ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


تاپپۇۋاخ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولدى، ئەمما ماناسسە قەبىلىسى زېمىنىدىكى تاپپۇۋاخ شەھىرى ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى.


خۇدا شۇنداق دەيدۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite