Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 17:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 17:6
7 Referans Kwoze  

بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى


ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.


شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتۇشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى.


مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.


مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى.


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite