Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 17:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 17:16
20 Referans Kwoze  

ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشانغا ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل ئىدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.


پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىگىلىيەلىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى.


ئۇ چاغدا مىديانلار ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.


تاغلىق رايونلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولسۇن. ئۇ يەرلەر گەرچە ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئورمانلارنى كېسىپ، شۇ جايلارنى ئۆزۈڭلارغا زېمىن قىلىڭلار. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر.


ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىغا چېچىلغان قىغدەك چېچىلىپ كېتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى تېپىپ: ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى.


ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئادەم چىقمايدۇ»، _ دېدى، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى.


پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلارغا يەم بولىدۇ».


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ يىزرىئەل شەھىرىدىكى ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، يۈگۈرۈپ، ئاخابتىن بۇرۇن يىزرىئەلگە يېتىپ باردى.


تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى.


يىزرىئەل، كىسۇللوت، شۇنېم،


ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.


يوشۇۋا ئۇلارغا: _ ئەگەر ئادەملىرىڭلار شۇنچە كۆپ بولسا، ئەفرايىم تاغلىق رايونى سىلەرگە يەتمىگەن بولسا، ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان پەرىززىلەر ۋە رافاھلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆزۈڭلارغا جاي قىلىڭلار، _ دېدى.


يوشۇۋا يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى: _ سىلەر شۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنسىلەر، سىلەرگە بىر ئۈلۈشتىن كۆپ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك.


ھەقىقەتەن ئۇزاق ئۆتمەي، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ،


فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite