Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 17:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.)

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 17:1
20 Referans Kwoze  

ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.


يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.


ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.


يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.


ئاتىسىغا: _ ئاتا، توغرا بولمىدى، چوڭ ئوغلۇم بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! _ دېدى.


كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىر شەھىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.


خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى.


ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.


بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى.


يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نارازى بولغانىدى. شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرايىمنىڭ بېشىدىن ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ،


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.


مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى.


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرى نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.


ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite